شىركىتىمىز يۇمشاق دېتال ئىشلەش، تور بەت لايىھىلەش، كارخانا ئوبراز لايىھىلەش، كۆپ ۋاسىتىلىك ئېلان لايىھىلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى كەسىپلەشكەن كارخانا بولۇپ، جەمئىيەتكە نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلەردە بولىدۇ:

يۇمشاق دېتال جەھەتتە:
     ئىدارە- ئورگان ۋە شەخسلەر ئېھتىياجلىق بولغان ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى لايىھىلەش، ئاسراش، تېخنىكىلىق تەربىيىلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردە بولىدۇ.

تور ساھەسى جەھەتتە:
     ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، شىركەت ۋە شەخسلەرگە ۋاكالىتەن تور بەت ياساپ بېرىش، باشقۇرۇش، ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، پۈتكۈل ئىدارە- ئورگان، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ئۇچۇر ئالاقە تورىنى قۇراشتۇرۇش، ئاسراش، يېڭىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەشۋىقات جەھەتتە:
    كۆركەم بولغان كۆپ ۋاسىتىلىك ئېلان ئىشلەش، بوشلۇقتىكى ستېرېئولۇق ھەركەت ئۈنۈمى بىرلەشتۈرۈلگەن ئېلان، ھەرخىل قۇرۇلۇشلارنىڭ تەكشىلىكتىكى ئۈنۈم رەسىمى ۋە بوشلۇقتىكى ھەرىكەتلىك ئۈنۈم فىلىمىنى لايىھىلەش، مەھسۇلات قاپلىرىنى لايىھىلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرىدە بولىدۇ.

كارخانا ئوبراز لايىھىلەش CIS جەھەتتە:
مۇكەممەل بولغان كارخانا قوللانمىسى تۈزۈش، كارخانا ھەركەت مىزانى تۇرغۇزۇش، زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەتلىرىدە بولىدۇ.

كومپيوتېر ئاسراش مۇلازىمىتى:
    ئىدارە -ئورگان، شىركەت ۋە ئائىلىلەردىكى كومپيۇتېرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە دائىملىق ئاسراش (كومپيۇتېر سىستېمىسى، مۇلازىمېتىر قاتارلىقلاردا كۆرۈلگەن ھەر خىل كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش) مۇلازىمەتلىرىدە بولىدۇ.

قاتتىق دېتال جەھەتتە:
    IT (ئۇچۇر تېخنىكا) ساھەسىدىكى ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، سېتىپ چىقىرىش ۋە سېتىشتىن كىيىنكى ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.