ئۇچۇر
تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، پەن- تېخنىكا بىر دۆلەت، بىر رايوننىڭ
ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئىپادىلەيدىغان، شۇ رايوننىڭ ئىقتىساد، پەن- مائارىپ،
مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان بۈگۈنكى
كۈندە، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا پەن- تېخنىكا خاراكتېرىدىكى كارخانىلارنىڭ
بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى كۈچلۈك پەن- تېخنىكا ئاساسى بىلەن
قوللاشقا بولغان تەلەپ كۈنسېرى يۇقۇرىلىماقتا. شىركىتىمىز ئەنە شۇ خىل
ئېھتىياج تۈپەيلىدىن قۇرۇلغان ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى كەسىپلەشكەن كارخانا.
شىركىتىمىز 2006- يىلى 12- ئايدا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ
ئىگىلىك تىكلەپ، ۋەتىنىمىز، جەمئىيىتىمىز، مىللىتىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز
بولسىمۇ ئۆز كۈچىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىلغار ئىدىيىلىك ياشلار
تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە ئىدىيە بىلەن ياخشى بولغان
شىركەت ئوبرازى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىپ، تېگىشلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە
ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىشنى نىشان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ۋە ئۆز- ئۆزىنى
مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيىتىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە
قوشماقچى. سىزنىڭ، خەلقنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل
بۆلۈشى بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاساسى! سىلەرنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىڭلار،
يېقىندىن ياردەمدە بولۇشۇڭلار بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ
كۈچى! سەمىمىيەت، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خېرىدارلار
ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيىمىزنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ،
سىلەرنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىزنىڭ مۇقەددەس
بۇرچىمىز! |